أحمد محمد لبن Ahmad.M.Lbn مؤسس ومدير المنتدى
عدد المساهمات : 52644 العمر : 72
| موضوع: قىز-خانىملار رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بالدۇر تۇتامدۇ ياكى شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن روزىنىمۇ؟ الأربعاء 19 مايو 2021, 1:07 pm | |
| قىز-خانىملار رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بالدۇر تۇتامدۇ ياكى شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن روزىنىمۇ؟ [ئۇيغۇرچە] هل تبدأ المرأة بقضاء رمضان أو بست شوال [باللغة الأويغورية] مۇپتى: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد المفتي: الشيخ محمد صالح المنجد تەرجىمە قىلغۇچى: ن. تەمكىنى المترجم: ن. تمكيني تەكشۇرۇپ بىكىتكۇچى: ن. تەمكىنى المراجعة: ن. تمكيني رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى المكتب التعاوني للدعوة وتوعية الجاليات بالربوة بمدينة الرياض 1429 – 2008 قىز-خانىملار رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بالدۇر تۇتامدۇ ياكى شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن روزىنىمۇ؟ 4082-نومۇرلۇق سوئال سوئال: قىز-خانىملار ھەيز - نىپاس ۋە بەزى ئۆزۈرلەر سەۋەبى بىلەن تۇتالمىغان رامزان روزىسىنى بالدۇر باشلامدۇ ياكى شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن نەپلە روزىنىمۇ؟ جاۋاپ: بارلىق ھەمدۇ- سانا ۋە ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.ئەگەر ھەدىستە زىكىر قىلىنغان تەرتىپ بويۇنچە قىلىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئالتە كۈن شەۋۋال روزىسىنى توتۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ . بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى رامزان روزىسىنى تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن روزىنى ئەگەشتۈرۈپ تۇتسا يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ». (بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. 1984-نومۇرلۇق ھەدىس).
ئەمما بەزى ئۆلىمالارنىڭ كۆز قارىشىدا, پەرز قازا روزىنى كېلەر يىل رامزان كېلىشتىن ئىلگىرى تۇتۇشقا پۇرسەت بارلىقىنى ئېتىبارغا ئالغان ھالدا، شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن روزىنى، قازا روزىدىن ئىلگىرى توتۇش جايىز دەپ قارىلىدۇ.
ھەممىنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۇچى. |
|